چاۋۇشئوغلۇ: ئەگەر ئامېرىكا گۈلەننى تاپشۇرۇپ بەرمىسە....

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر بارلىق سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

533624
چاۋۇشئوغلۇ: ئەگەر ئامېرىكا گۈلەننى تاپشۇرۇپ بەرمىسە....

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن ھەممە ئىشنىڭ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، لېكىن خەۋپنىڭ %100 بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «15 – ئىيۇلدا بىر ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە دۇچ كەلدۇق، نۆۋەتتە ھەممە ئىش كونترول قىلىنغان بولسىمۇ، خەۋپنىڭ %100 دىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى دېيەلمەيمەن. شۇڭا بەزى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇۋاتىمىز، تەكشۈرۈشلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ گۇرۇپپىغا قارشى قانۇنىي چارىلەر كۆرۈلىۋاتىدۇ.» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن دۇرۇس پوزىتسىيە بىلدۈرۈشلىرىنى ۋە بۇ قىيىن كۈنلەردە ئىشىنىشكە بولىدىغان ھەقىقىي بىر دوست بولۇشلىرىنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

چاۋۇشئوغلۇ، گۈلەن ياشاۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەندىشلىرىنى چۈشىنىدىغان ياكى چۈشەنمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋابەن، «چۈشىنىشلىرى لازىم، ھېچقانداق دەلىلگە ئېھتىياجلىرى يوق. جون كېررىگە بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىزاھلىدىم. كېررى مەسىلىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەنگەنلىكىنى ۋە بۇ گۇرۇپپا ھەققىدە ئۆز دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ۋەزىيەتنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباماغا چۈشەندۈردى. بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن گۈلەننىڭ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشلىرى كېرەك» دېدى.

ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەنىڭ گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىغان تەقدىردە، بۇ ئەھۋالنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەن چاۋۇشئوغلۇ، «تۈرك خەلقىنىڭ تۇيغۇلىرى ئاللىقاچان تەسىرگە ئۇچرىدى. خەلقىمىز ئىچىدە ئامېرىكىغا قارشى پىكىرنىڭ ھاسىل بولۇشىغا قارشىمىز. ئەپسۇسكى، ئىراق ئۇرۇشىدىن بۇيان ئامېرىكىنى قوللاش تۆۋەنلىدى. بىز ئۆتمۈشتە بۇ مەسىلىدىكى مۇۋازىنەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. ئامېرىكا 80 مىليون تۈرك خەلقىنىڭ تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىشى كېرەك. خۇلاسىلىگەندە، ئامېرىكا ھەرىكەتكە ئۆتمىسە، مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. تۈركىيەگە قارشى ئەڭ ناچار تېررورچى ئامېرىكىدا ياشايدۇ ۋە ئۇ يەردە تۇرۇپ تۈركىيەنى نىشانغا ئالىدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئەھۋالدۇر» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، «ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ئىستەكلىرىگە جاۋاب بەرمىگەن تەقدىردە، تۈركىيەنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشتىكى مەۋجۇدىيىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى› توغرىسىدىكى بىر سوئالغا «دائېش بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز. دائېش تۈركىيەنى نىشانغا ئالماقتا. يالغۇز قالساقمۇ دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇرمىز، چۈنكى، ئۇلار چېگرانىڭ يەنە بىر تەرىپىدە. بىز دائېشنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ مۇھىم نىشانى. ئامېرىكا بىزنىڭ ئىتتىپاقدېشىمىز، بىز ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز. تۈركىيە ۋە ئامېرىكا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، رايونىمىز ئۈچۈن بىرلىكىتە ناھايىتى مۇھىم ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز. ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىمىزنى، ئامېرىكا ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلىرىمىز ئۈچۈن ئاچتۇق. سۈرىيە ۋە ئىراقتا مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. بىر قاتار ئورتاق نىشانىمىز بار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر