ئەردوغان پادىشاھ سەلمان بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

531500
ئەردوغان پادىشاھ سەلمان بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان 15 – ئىيۇلدا مەيدانغا كەلگەن ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى دائىرىسىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ۋە ئۇ ئارقىلىق پۈتكۈل تۈرك خەلقىگە تەسەللىي تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

تۈركىيەدىكى سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ھۆكۈمەت بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن پادىشاھ سەلمان، تۈركىيەنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ پۈتكۈل رايون ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ مەسىلىگە سەزگۈر قارىغانلىقى ئۈچۈن پادىشاھ سەلمانغا رەھمەت ئېيتتى. سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان تۈركىيە بىلەن تولۇق مەنىدە ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر