ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىنىڭ ۋەزىيىتى ئىزىغا چۈشتى
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدىكى بارلىق ئۇچۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئىزىغا چۈشكەنلىكىنى جاكارلىدى.
530517
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىركەت تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «جۇمھۇر رەئىسىمىز ۋە باش قوماندان رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن خىزمەت ئىشلەش نەتىجىسىدە ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدىكى ئۇچۇش پائالىيەتلىرىمىز ئىزىغا چۈشتى. ئۇچۇر - ئالاقە ۋاسىتىلىرىمىز ئارقىلىق تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئۇچۇش پائالىيەتلىرىگە ئائىت مەلۇماتلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.»