ئەردوغان تۈركىيە ئارمىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپىنى ماقۇللىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە تېخىمۇ پائال ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپىنى ماقۇللىدى.

529140
ئەردوغان تۈركىيە ئارمىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بۇ قانۇن تەكلىپى دائىرىسىدە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرىدۇ. ئەسكەرلەرنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش جەريانىدا سادىر قىلغان جىنايەتلىرى ھەربىي جىنايەتلەر ھېسابلىنىدۇ.

ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا تۈركىيە ئارمىيەسى خادىملىرى، قوماندانلار، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە باشقا دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ قارارلىرى، ئىجرائاتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى ئۈستىدىن دۆلەتكە زىيان كەلتۈرگەندىلا ئاندىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە سوتقا تارتىلىدۇ.

باش ئىشتاب باشلىقى بىلەن باشقا قوماندانلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا سادىر قىلغان جىنايەتلىرى ئۈستىدىن پەقەت باش مىنىستىر رۇخسەت قىلغاندىلا ئاندىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. باشقا ھەربىي خادىملار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان جىنايەتلەر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن تەكشۈرۈلىدۇ.

بۇ قانۇن تەكلىپى ۋاقىتلىق يېزى مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن پىدائىيلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر