بىنالى يىلدىرىم پاكىستان پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن پاكىستان پىرېزىدېنتى مەمنۇن ھۇسەيىن بىر - بىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

524926
بىنالى يىلدىرىم پاكىستان پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم پاكىستان پىرېزىدېنتى مەمنۇن ھۇسەيىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى مەنبەرلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، تۈنۈگۈن كەچتە پاكىستان تەرەپنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن پاكىستان پىرېزىدېنتى مەمنۇن ھۇسەيىن بىر - بىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىگەن.

 ئۇچرىشىشتا ئىككى رەھبەر تۈركىيە ۋە پاكىستان خەلقلىرى ئوتتۇرىسدىكى دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدە، دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىتىش تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر