باش مىنىستىر يىلدىرىم تېررورلۇق تەشكىلاتى توغرىسىدا ياۋروپانى ئاگاھلاندۇردى

باش مىنىستىر يىلدىرىم ئىزمىردا سۆز قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە زىيانغا ئۇچراش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

524564
باش مىنىستىر يىلدىرىم تېررورلۇق تەشكىلاتى توغرىسىدا ياۋروپانى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، غەرب ئەللىرى PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللىغان تەقدىردە، PKK نىڭ ئۇلارغىمۇ زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

باش مىنىستىر يىلدىرىم ئىزمىردا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ھېيتىلىشىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، «بايرام (ھېيت) قېرىنداشلىق دېمەكتۇر» دېدى. ئۇ، تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ئىچى – سىرتىدىكى دوستلۇقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«79 مىليون ۋەتەن ئەۋلادىمىزنى قېرىنداش قىلىمىز» دېگەن يىلدىرىم، «ئايرىلىق – غەيرىلىك يوق. پەرقلىرىمىزنى بايلىقىمىز، دەپ بىلىمىز. ئورتاقلىشىدىغان نۇرغۇن نەرسىلىرىمىز بار، جېدەللىشىدىغان ھېچنەرسىمىز يوق. بۇ دۆلەت ھەممىمىزگە يېتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK غا قارشى غەلىبىلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش ۋە تەشكىلاتقا چېتىشلىق تاشقى كۈچلەر توغرىسىدا توختالغان باش مىنىستىر يىلدىرىم، «شەھەرلەرنى تازىلىدۇق. ئەمدى تاغلىق رايونلارنى تازىلايمىز. بۇ قولى قانلىق تېررورچىلارنىڭ دۈمبىسىنى سىلاپ قويۇۋاتقانلارنىمۇ بىلىمىز. ئۇلارنىمۇ كۈزىتىۋاتىمىز. ئۇلارغا كۆز قىسىپ قويۇۋاتقان غەربلىك دوستلىرىمغا خىتاب قىلىمەن. بۇ ئوت سىلەرنىمۇ كۆيدۈرىدۇ. PKK دىنمۇ، YPG دىنمۇ  ۋە ئۇلارنىڭ گۇماشتىلىرىدىنمۇ ھېساب ئېلىنىدۇ، دەپتەرلىرى قاتلىنىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر