ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن چېتىشلىقى بار 17 گۇماندار قولغا ئېلىندى

ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا 45 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن چېتىشلىقى بار 17 گۇماندار قولغا ئېلىندى.

524226
ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن چېتىشلىقى بار 17 گۇماندار قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەپتىش مەھكىمىسىدە سوراق قىلىنغاندىن كېيىن باقىركۆي جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە يوللانغان 11 ى چەت ئەللىك 17 گۇماندارنىڭ سوراق ئىشلىرى تاماملاندى. سوت كوللېگىيەسى 17 گۇماندارنى قولغا ئېلىشقا ھۆكۈم قىلدى.

باقىركۆي باش تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈش دائىرىسىدە ئىستانبۇل جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئەترەتلىرى 17 گۇماندارنى تۇتقاندىن كېيىن سوت مەھكىمىسىگە يوللىغان، ئالدىنقى كۈنىمۇ ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن چېتىشلىقى بار 3 ى چەت ئەللىك بولۇپ، 13 كىشى تۇتۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر