تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا يېڭى سۆھبەت ساھەسى بۈگۈن ئېچىلىدۇ

تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇزاكىرىلىرى دائىرىسىدە بۈگۈن «مالىيە ۋە خامچوتقا دائىر ھۆكۈملەر» ماۋزۇلۇق 33 – سۆھبەت ساھەسى ئېچىلىدۇ.

521382
تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا يېڭى سۆھبەت ساھەسى بۈگۈن ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ سۆھبەت ساھەسىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن بىرلىكتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇساپىسىدە 6 ئاي ئىچىدە ئىككىنچى سۆھبەت ساھەسى ئېچىلغان بولىدۇ؛ ئاخىرقى قېتىم دېكابىر ئېيىدا «ئىقتىساد ۋە پۇل – مۇئامىلە سىياسەتلىرى» تېمىلىق 17 – سۆھبەت ساھەسى ئېچىلغانىدى.

بۇ دائىرىدە ئېچىلىدىغان 33- سۆھبەت ساھەسى تۈركىيەنىڭ تولۇق ئەزالىق مۇزاكىلىرى مۇساپىسىدە ئېچىلغان 16 – سۆھبەت ساھەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 33- سۆھبەت ساھەسى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھۆكۈمەتلەر ئارا يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. يىغىنغا تۈركىيەدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك ۋە مالىيە مىنىستىرى ناجى ئاغبال ئىشتىراك قىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى يىغىن، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى نۇقتىسىدىنمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر