«ئەنگلىيە خەلقىنىڭ قارارى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەۋقەسى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشىنى تەقەززا قىلىدۇ»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كۆچمەنلەر كىرىزىسى ۋە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش قارارىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە مەۋقەسى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

517853
«ئەنگلىيە خەلقىنىڭ قارارى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەۋقەسى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشىنى تەقەززا قىلىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ پوزىتسىيەسى ھەققىدە قايتا ۋە توغرا ئويلانغان ھەمدە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغان تەقدىردە، تۈركىيە تەبىئىي ھالەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلماي، زىددىيەتلىك سىياسەت يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرسا، ئەنگلىيەدىن باشقا ئەزا دۆلەتلەرمۇ ئايرىلىشقا باشلايدۇ. ياۋروپا بىزنىڭ رەقىبىمىز ئەمەس، ئەكسىچە بىز بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كۈچلۈك تارىخى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مۇناسىۋەتلەرنى ئورناتقان بىر جۇغراپىيەدۇر. ياۋروپادا ياشاۋاتقان 6 مىليون تۈركنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر مەسىلە تەبىئىي رەۋىشتە بىزنىڭ مەسىلىمىز ھېسابلىنىدۇ. دەرۋەقە، بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئەزا بولۇشنى كۈتۈۋاتقان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ بىز توغرۇلۇق ئانالىز ئېلىپ بارغانلىرىدا تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئىبارە بولغان ‹ئەندىشە ئىچىدە› ئىبارىسى بىلەن تەقىب قىلىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر