2 ئەسكەر شېھىت بولدى

تېررورىستلارنىڭ ھاققارىنىڭ شەمدىللى ناھىيەسىدىكى تەكەلى ھەربىي بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 2 ئەسكەر شېھىت بولدى، 4 ئەسكەر يارىلاندى.

508729
2 ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يارىلانغان ئەسكەرلەر تىك ئۇچار ئايروپىلانلار بىلەن دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ رايوندا ھەم ھاۋادىن ھەم قۇرۇقلۇقتىن تېررورىستلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا.

بۇ ئارىلىقتا، پ ك ك لىق تېررورىستلار تۇنجەلىنىڭ ئوۋاجىق ناھىيەسىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىم قوامدانلىق ئىشتابىغا راكېتامىيوتلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تېررورىستلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى، رايوندا ھۇجۇمدىن كېيىن قېچىپ كەتكەن تېررورىستلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر