تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش كېلىشىمى تۈزدى

تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تېررورىزمنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغۇچىلار ۋە چېتىشلىقى بار شەخسلەرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئەدلىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېلىشىمى» تۈزدى.

507468
تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش كېلىشىمى تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ئالاھىدە يىغىندا، تۈركىيە تەرەپ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى ئۆز ئىچىگە ئالغان پ ي د، ي پ گ،  DHKP-C ، پ د ي -  FETÖ  قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە تېخىمۇ پائال ھەرىكەتكە ئۆتۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. يىغىندا تېررورىزمنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغۇچىلار ۋە چېتىشلىقى بار شەخسلەرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئەدلىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېلىشىمى» تۈزۈلدى، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلاردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن بىخەتەرلىك ۋە تىنچلىق نىشان قىلىنغان تەھدىلەرگە قارشى ئورتاق ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش ۋە چەت ئەللىك تېررورىستلارنىڭ چېگرالاردىن ئۆتۈشىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش قارارى ئېلىندى، ئەدلىيە ۋە ئاخبارات ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر