ئەرمەنى پاترىكى ئەردوغانغا مەكتۇپ يېزىپ گېرمانىيەنى ئەيىبلىدى

ئەرمەنى پاترىكى ئاتەشيان، مەكتۇبىدا، ئىككى قەدىمىي، خوشنا خەلقنىڭ نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىككە ياتىدىغان سۆزلەر ئارقىلىق بىر - بىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلماسلىقى ۋە تارىخنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلماسلىقى لازىملىقىنى تەكىلتىدى.

506278
ئەرمەنى پاترىكى ئەردوغانغا مەكتۇپ يېزىپ گېرمانىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئەرمەنىلەر پاترىكخانىسى باش ۋەكىلى ئارام ئاتەشيان گېرمانىيە فېدېراتىسىيەسى پارلامېنتىنىڭ 1915 – يىلى ۋەقەلىرى ھەققىدە ماقۇللىغان قارارىغا دائىر جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مەكتۇپ يوللىدى.

ئارام ئەتەشيان مەكتۇپىدا گېرمانىيە فېدېدراتىسيە پارلامېنتىنىڭ ئۆزىنى سودىيەنىڭ ئورنىدا قويۇۋېلىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ قارار مىللىتىمىزدە چوڭقۇر ئازابلىنىشنى پەيدا قىلدى» دېدى.

گېرمانىيە فېدېرال پارلامېنتىنىڭ قارارىنى تەنقىد قىلغان ئەرمەنى پاترىكى ئاتەشيان، «تۈركىيە ۋە ئەرمېنىيە خەلقى، ئەلەملىك كۈنلەرنى تەڭ باشتىن كۈچۈرگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئوسمانلى دەۋرىدىكى تۈركىيەنى پۈتۈنلەي گۇناھكار قىلىپ ئېلان قىلىشنىڭ ئۆزىنىلا ئەخلاقىي نۇقتىدىن تالاش - تارتىش قىلىش كېرەكلىك مەسىلىدۇر» دېدى.

ئەرمەنى پاترىكى ئاتەشيان، مەكتۇبىدا، ئىككى قەدىمىي، خوشنا خەلقنىڭ نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىككە ياتىدىغان سۆزلەر ئارقىلىق بىر - بىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلماسلىقى ۋە تارىخنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئورنىغا دوستلۇق ۋە تىنچلىق نىشان قىلغان خىزمەتلەرنى قىلىش لازىملىقىنى تەكىلتىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر