ئوسمانىيەدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 14 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيەنىڭ ئوسمانىيە ۋىلايىتىدە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

504754
ئوسمانىيەدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 14 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوسمانىيە ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئولتۇرغان بىر مىنىبۇس ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپ، ئالتىسى ئوقۇغۇچى جەمئىي 14 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، بىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي 26 ئادەم يارىلاندى.

خاتاينىڭ ئىسكەندەرۇن ناھىيەسىدىن سەيلە قىلىش ئۈچۈن ئوسمانىيەدىكى قاراتەپە مۇزېيى ۋە ئاسلانتاش مىللىي باغچىسىغا بارغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئولتۇرغان مىنىبۇس، قايتىشىدا شوپۇرنىڭ رولنى كونترول قىلالماسلىقى نەتىجىسىدە ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتتى. يېزا ئاھالىسى ۋەقەنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، نەق مەيدانغا باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىتەرەپ قىلىش باشقارمىسى خادىملىرى بىلەن قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئەۋەتىلدى.

قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن ئۆستەڭنىڭ سۈيى توختىتىلدى. ئىزدەش – قۇتقۇزۇش جەريانىدا ئالتە نەپىرى ئوقۇغۇچى بولۇپ جەمئىي 14 كىشىنىڭ جەسىتى سۈزۈۋېلىندى، 17 نەپىرى ئوقۇغۇچى بولۇپ جەمئىي 26 كىشى يارىدار ھالەتتە قۇتۇلدۇرۇۋېلىندى.

قۇتۇلدۇرۇۋېلىنغانلاردىن بىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

بۇ جەرياندا، ۋەقەدىن كېيىن ئوسمانىيەگە بارغان سەھىيە مىنىستىرى رەجەپ ئاقداغ دۆلەت دوختۇرخانىسىدىكى يارىدارلارنى يوقلىدى. ئاقداغ، ۋەقەدىن كېيىن كېرەكلىك مۇداخىلىلەرنىڭ سۈرئەت بىلەن قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ قازا توغرىسىدا توختىلىپ، «كۆڭلىمىز يېرىم بولدى، تولىمۇ يېرىم بولدى... ياش ئىنسانلار، پەرزەنتلىرىمىز، ئۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى (ھاياتىدىن ئايرىلدى). ئاللاھ ھەممىسىگە رەھمەت قىلسۇن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر