تۈركىيە ئارمىيەسى: 1000 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى 1000 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

505081
تۈركىيە ئارمىيەسى: 1000 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK غا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە 1000 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئاخىرلاشقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسدە ماردىننىڭ نۇسايبىن ناھىيەسىدە 495 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، 515 توسۇقنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى، 1256 يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچنىڭ چۇۋۇپ تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، شىرناقتىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 505 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، 238 توسۇقنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقى، 1566 يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر