«گېرمانىيەنىڭ قارارى تولىمۇ نومۇس قىلارلىق ئىش»

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ  1915 – يىلقى ۋەقەلەر توغرۇلۇق قارار ئېلىشىنىڭ مەزكۇر پارلامېنتقا نىسبەتەن تولىمۇ نومۇس قىلارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

503233
«گېرمانىيەنىڭ قارارى تولىمۇ نومۇس قىلارلىق ئىش»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە پارلامېنتى 1915 – يىلقى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەرمەنى دەۋالىرىغا ئالاقىدار قانۇن تەكلىپىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ بېرلىن باش ئەلچىسى قارسئوغلۇ تۈركىيەگە قايتتى.

قارسئوغلۇ ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەندە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، «گېرمانىيە پارلامېنتى بۇ قارارنى ئېلىشتا ھېسسىياتقا بېرىلىپ كەتتى. ھالبۇكى، بىز ھېسسىياتقا تايىنىپ ئەمەس، ئەقىل – پاراسەتكە تايىنىپ ئىش قىلىمىز. بۇ ھەقتە  ناھايىتى كۆپ  ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردۇق. ئەمما بۇ قارار ئاللىقاچان بېرىلىپ بولغان ئىكەن. شۇڭا ئۇچرىشىشلىرىمىزنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى. گېرمانىيە بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتلىرىمىز داۋاملىشىدۇ» دېدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، «گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ قانۇنلۇق تالاش – تارتىشلىق ۋە ياۋروپا قانۇنىنىڭ ئىجتىھادىي مەسىلىلەر كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغان  1915 – يىلقى ۋەقەلەر توغرۇلۇق ئالغان قارارى مەزكۇر پارلامېنتقا نىسبەتەن تولىمۇ نومۇس قىلارلىق ئىش» دېيىلدى. باياناتتا تارىخ سىياسەتكە ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن، ئۆتمۈش ھەققىدە ئەركىن – ئازادە تالاش - تارتىش قىلىش چەكلەنگەن، قىسقىسى بىر ئۆلۈككە ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان ئەرمەنى دەۋالىرىنى خۇددى راستتەك تېڭىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلارغا، ھاماقەتلىك ۋە قانۇنغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشتا ئۈلگە يارىتىۋاتقانلارغا 1915 – يىلقى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىختىلاپلارنى پەقەت دىيالوگ، تەتقىقات، ئەمەلىيەت ۋە ھەققانىيەت ئاساسىدىلا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ پۇقراسى بولغان ئەرمەنلەرنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى ئورتاقلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى قايغۇ – ھەسرەتلىرىنى ئۇنتۇلدۇرماسلىققا تىرىشىۋاتقان، ئەرمەنلەرنىڭ مەدەنىيەت مىراسىلىرىغا ساھىب چىقىۋاتقان ھەمدە ئىككى قوشنا خەلق ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچىلىك يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۇھىم قەدەملەرنى تاشلاۋاتقان تۈركىيەنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدىن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ھېچنېمە يوق.» تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ باياننامە ئېلان قىلدى. باياننامىنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئىمزالىدى. باياننامىدە مۇنداق دېيىلدى: «گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ 1915 – يىلى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە يۈز بەرگەن سۈرگۈنگە مۇناسىۋەتلىك ئەرمەنلەرنىڭ ئاساسسىز دەۋالىرى توغرۇلۇق ئالغان قارارىنى ئەزىز تۈرك مىللىتىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمىزنى، بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىمىزنى ۋە قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىمىزنى پۈتكۈل جاھانغا جاكايلايمىز.» يەنە بىر تەرەپتىن، گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى ئاۋازغا قويۇشقا ئىشتىراك قىلمىغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بۇ ھەقتە توختالدى، تۈركىيە – گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ھەم ئىنتايىن مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. مېركېل شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «گېرمانىيە بىلەن تۈركىيەنى بىر - بىرىگە يېقىنلاشتۇرۇۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئىشلار بار. ھەرقانداق بىر مەسىلىدە كۆز قاراشلىرىمىز ئوخشىمىسىمۇ دىپلوماتىك، دوستانە ھەم ئىستىراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، بۇنىڭ دائىرىسى دۆلەت مۇداپىئەسىدىن باشقا كۆپلىگەن ساھەلەرگىچە سوزۇلىدۇ.» گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان 3 مىليون تۈركنىڭمۇ ئەنە شۇ ئورتاق نۇقتىلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن مېركېل مۇنداق دېدى: «شۇڭا مەنمۇ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭدىن 101  يىل بۇرۇنقى ۋەقەلەرنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە تۈركىيە – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىشى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، گېرمانىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن مۇستەھكەم ھالدا داۋاملىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ دۆلىتىمىزنىڭمۇ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئاداققىچە مۇشۇنداق داۋاملىشىدىغانلىقىنى پۈتكۈل جاھانغا بىلدۈرۈپ قويۇشنى خالايمىز. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تالاش – تارتىشلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ دېموكراتىك مەدەنىيەتنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەريىپ قويۇشنى خالايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر