ئەردوغان بىلەن يىلدىرىم دىيارباقىردا زىيارەتتە بولىدۇ

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ 28 – ماي (شەنبە) تېررورلۇقنىڭ ئىزلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان دىيارباقىردا زىيارەتتە بولىدۇ.

498480
ئەردوغان بىلەن يىلدىرىم دىيارباقىردا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم زىيارىتى دائىرىسىدە دىيارباقىر ئايرودۇرۇمىنىڭ يېڭى بىناسىنىڭ ئېچىلىشىدا لېنتا كىسىدۇ ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە مۇھىم سىگناللارنى بېرىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئەردوغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ بومبا ھۇجۇمىدا 16 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان دۈرۈملۈ يېزىسىنىمۇ زىيارەت قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر