چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق تېررورىستلارنىڭ كىيىمىنى كىيمەسلىكىنى تەكلىپ قىلدى.

498951
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ راققەنى تېررولۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىش ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د نىڭ كىيمىنى كىيگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇ ئانتاليادا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ: «بىز ي پ گ نى باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئوخشاش كۆرمەيمىز، دېگەنلەرگە ‹بۇ قوش ئۆلچەملىك مۇئامىلە قىلىش، ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىشتۇر› دەپ جاۋاب بېرىمىز» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىينىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ ۋە پ ي د نىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكلىرى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرىنى خاتىرىلەتتى. ئۇ: «ئارقىدىنلا، ئەنقەرەدىكى ئىككى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارى بولغان تەشكىلاتنىڭ كىيمىنى بىخەتەرلىكىمنى قوغدايمەن دەپ كىيىش، نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ئۇنداق بولسا، بىز شۇنى تەۋسىيە قىلىمىز: سۈرىيەنىڭ باشقا رايونلىرىغا بارغاندا دائېشنىڭ، ئەل نۇسرانىڭ، ئەل قائىدەنىڭ كىيىملىرىنى كىيسۇن، ئافرىقىغا بارغاندا بوكو ھارامنىڭ كىيمىنى كىيسۇن» دېدى.

ئۇ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئىتتىپاقداش دەپ قارالغان بىر دۆلەتنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كىيمىنى كىيىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر