ئەردوغان يىغىنىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئايالى ئەمىنە ئەردوغان، ئوسمانلى بارمانچى ئەترىتى تەرىپىدىن چېلىنغان دۆلەت مارشى بىلەن زالغا كىرىپ كەلدى.

496488
ئەردوغان يىغىنىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئىنسانپەۋەرلىك ئالىي يىغىنىغا قاتناشقان ھەيئەت باشلىقىلىرىنىڭ شەرىپىگە كەچلىك زىياپەت بەردى.

دولماباھچە سارىيى بۈيۈك مۇئايىدە زالىدا بېرىلگەن كەچلىك زىياپەتتىن ئىلگىرى مېھمانلارنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئايالى ھۇليا چاۇۋۇشئوغلۇ قارشى ئالدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئايالى ئەمىنە ئەردوغان، ئوسمانلى بارمانچى ئەترىتى تەرىپىدىن چېلىنغان دۆلەت مارشى بىلەن زالغا كىرىپ كەلدى.

ئەردوغان زالغا كېرىش ئالدىدا دۇنيا ئىنسانپەۋەرلىك ئالىي يىغىنى ئائىلە فوتوسۈرىتىنىڭ ئۈستىدىكى ئىسمىنىڭ ئاستىغا ئىمزا قويدى.

زىياپەتكە قاتناشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن، ئەزەرەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئالىيېۋ، پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس قاتارلىق ھەيئەت باشلىقىلىرىمۇ ئائىلە فوتوسۈرىتىنىڭ ئۈستىدىكى ئىسىملىرى يېزىلغان جايغا ئىمزا قويۇشتى.

ھەيئەت باشلىقىلىرىغا ئائىلە فوتوسۈرىتىدىن بىر نۇسخىسى يوللاپ بېرىلىدىغان بولدى. 

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئايالى ئەمىنە ئەردوغان بارلىق مېمانلار بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر