رۇسىيە ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋاتىدۇ

تۈركىيە رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە پۇقرالارغا بىۋاستە ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

495896
رۇسىيە ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بايانات ئېلان قىلدى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋانىڭ تۈركىيەنىڭ قىرىم ۋە سۈرىيە سىياسەتلىرى ھەققىدە قىلغان سەپسەتىلىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە تۈركىيەگە قارشى يۈرگۈزگەن يالغان ۋە تۆھمەتلەرگە تولغان سەپسەتىلىرىنىڭ، رۇسىيەنىڭ 24 – نويابىردىن بۇيان تۈركىيەگە قارشى باشلىغان يېڭى قارىلاش تەشۋىقاتلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ئەھۋالنىڭ رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە دۇچار بولغان ئاجىزلىق ۋە چارىسىزلىكنىڭ دەرىجىسىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «رۇسىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ دوختۇرخانىلارنى، مەكتەپلەرنى، مۇساپىرلار لاگېرلىرىنى بومباردىمان قىلىش، خىمىيەلىك قوراللارنى ئىشلىتىش، ۋارىل بومبىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرخىل قىرغۇچى قوراللارنى كىچىك بالىلار ۋە ئاياللارغا قارشى ئىشتىلىش، شەھەرلەرنى قورشاۋغا ئېلىپ، خەلقنى ئاچارچىلىققا مەھكۇم قىلىش قاتارلىق ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەتلىرىگە شېرىك بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پۇقرالارغا بىۋاستە ھۇجۇم قىلىپ، جىنايەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ تېررولۇق تەشكىلاتى دائېشنى بېقىۋاتقان ۋە ئۇنىڭ بىلەن نېفىت سودىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرتۈرلۈك مەينەت شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنى قىلىۋاتقان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھامىنى بىر كۈنى بۇلارنىڭ سوت ئالدىدا ھېساب بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ چەت ئەللىك جەڭچىلەرنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن قەستەنلىك بىلەن سۈرىيەدىكى ئۇرۇش رايونلىرىغا ئەۋەتىلىۋاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئېچىنىش ئىچىدە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«رۇسىيەدە ياسالغان قورال – ياراغلارنىڭ پ ك ك، پ ي د، ي پ گ، دائېش ۋە ئەل نۇسراغا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن كۆپلەپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتىمىز.»

ئۇ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ، تۈركىيەنىڭ قىرىم سىياسىتى توغرىسىدا قىلغان سەپسەتىلىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«يېقىنقى يىللاردا ئۇكرائىنا ۋە گىرۇزىيە قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرگە قىلغان بىۋاستە ھۇجۇملىرى بىلەن پۈتكۈل دۇنيانىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ۋە يولغا قويغان خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ سىياسەتلىرى بىلەن ئېمبارگورلارغا دۇچ كەلگەن رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قانۇنسىز ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋالغانلىقى، تارىختا يۈزىدىكى قارا داغ بولۇپ قالىدۇ، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق جەمئىيەت رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ.»         



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر