داۋۇتئوغلۇ پارتىيەسىنىڭ رەئىس نامزاتى بولمايدۇ

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ 22 – ماي ئۆتكۈزۈلىدىغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قۇرۇلتىيىدا، پارتىيە رەئىسلىكىگە نامزات بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

484957
داۋۇتئوغلۇ پارتىيەسىنىڭ رەئىس نامزاتى بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي قارار ۋە باشقۇرۇش كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن، بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ مۇنداق قارار بېرىشىدە، «مەغلۇبىيەت ياكى پۇشانمانلىق» تۇيغۇسىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىزنىڭ دەۋرىمىز مۇۋەپپەقىيەت دەۋرىدۇر. مېنىڭ بۇ قارارنى بېرىشىمدە ھەرقانداق شەكىلدە ھېس قىلغان مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك تۇيغۇسى يوق، شۇنداقلا مەن تاشلىغان قەدەم تۈپەيلى ھېس قىلغان پۇشايمانلىقمۇ يوق. ۋەزىپەمنىڭ ھەققىنى بېرىپ، شەرىپىم بىلەن ئورۇنلىدىم.»

ئۇ 22 – ماي ئۆتكۈزۈلىدىغان پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، تەتقىقاتلىرىنى ۋە پارلامېنت ئەزالىق ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ شەرىپى، ھەم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ھەمدە دەۋا دوستۇم بولۇش سۈپىتى بىلەن مېنىڭمۇ شەرىپىمدۇر. ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ شەرىپى مېنىڭ ئائىلەمنىڭ شەرىپىدۇر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى مېنىڭ ئائىلەمدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر