تېررورىستلارنىڭ ھۇجۇمىدا 2 ئەسكەر شېھىت بولدى

شىرناقتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا تېررورىستلار تەرىپىدىن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىتىلىشى نەتىجىسىدە 2 ئەسكەر شېھىت بولدى، 4 ئەسكەر بىلەن 2 ساقچى يارىلاندى.

474310
تېررورىستلارنىڭ ھۇجۇمىدا 2 ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىتلىس – مۇش رايونىدا پ ك ك غا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا ئاپرېلنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە 6 تېررورىست تىرىك قولغا چۈشتى، 10 تېررورىست يوقىتىلدى.

31 – مارت كۈنى باشلانغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رايونلۇق ئۇۋىلىرى پاچاقلاپ تاشلاندى. زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە بىنگۆل، مۇش ۋە بىتلىستە كۆپ ساندىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە مەسئۇل تېررورىستلار ۋە بېشىغا بىر مىليون لىرا مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئاتالمىش ئەرزۇرۇم مەسئۇلى سىنان دەۋرىم لەقەملىك مەھمەت ھايمە تىرىك قولغا چۈشتى. يەنە بېشىغا بىر مىليون لىرا مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ھەمگىن كوچەر لەقەملىك تېررورىست جەمىل ئاتەش ئۆلۈك قولغا چۈشۈرۈلدى، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بىتلىس رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان گۇرۇھى تامامەن يوقىتىلدى.

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارمۇ ئىشلىتىلگەن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 22 پاناھجاي يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى، كۆپ ساندا قورال – ياراغ، ئوق – دورا، پارتلاتقۇچ ياسايدىغان ماتېرىيال، قول بومبىسى ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلەر قولغا چۈشۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر