ھەربىي ھەرىكەتلەردە تۆت ئەسكەر شېھىت بولدى

ماردىن، شىرناك ۋە ھاككارىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە تۆت ئەسكەر شېھىت بولدى، يەتتە ئەسكەر يارىلاندى.

470501
ھەربىي ھەرىكەتلەردە تۆت ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماردىننىڭ نۇسايبىن ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى. شىرناك شەھەر مەركىزىدە داۋاملاشقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە يارىلانغان تۆت ئەسكەرنىڭ بىرى دوختۇرخانىدا شېھىت بولدى. ھاككارىنىڭ داغلىجا ناھىيەسىدىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى نۇقتىلىرىنىڭ ئوققا تۇتۇلۇشى جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاش نەتىجىسىدە بىر ئوفىتسېر شېھىت بولدى، تۆت ئەسكەر يارىلاندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۆت كۈن بۇرۇن ماردىننىڭ نۇسايبىن ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە يارىلانغان قوراللىق ساقچى قىسىم خادىمى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر