دىيارباكىر-ئەربىل ئارىسىدا ئايروپىلان قاتنىشى باشلىدى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، دىيارباكىردىن ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىگە تۇنجى چەت ئەل ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى باشلىدى.

468542
دىيارباكىر-ئەربىل ئارىسىدا ئايروپىلان قاتنىشى باشلىدى
thy'nin diyarbakır-erbil seferine başlaması.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىيارباكىر ئايرودورۇمىنىڭ خىزمەت بىناسى ۋە مۇناسىۋەتلىك جايلىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەر تۈپەيلى ھازىرغىچە روياپقا چىقمىغان چەت ئەل ئايروپىلان قاتنىشى بۇنىڭدىن ئالتە ئاي ئىلگىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن 300 مىليون لىرا سەرپ قىلىنغان يېڭى ئايرودورۇم بىناسى سايىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەھدى ئەكەر، ئايروپىلان قاتنىشىنىڭ دىيارباكىر بىلەن ئەربىل ئارىسىدىكى سودا – ساياھەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە ناھايىتى زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى ۋە ھازىرچە پەقەت يولۇچىلارنى يۆتكەش بىلەنلا كۇپايىلىنىدىغانلىقى، ئەمما، ئېھتىياج توغۇلغان ئەھۋالدا يۈك ئايروپىلانلىرىنى سېلىش ئېھتىمالىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتتى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن دىيارباكىر بىلەن ئەربىل ئارىسىدا ھەپتىدە ئۈچ كۈن ئايروپىلان قاتنايدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا دىيارباكىردىن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىگىمۇ ئايروپىلان سېلىش پىلانلانماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر