داۋۇتئوغلۇ: ئىسلامنى دائېش بىلەن بىر سەپتە قويۇش توغرا ئەمەس

باش مىنىستىر ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ ئىسلامنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئوخشاش سەپتە كۆرۈشنى خالايدىغانلارغا تارىخقا نەزەر تاشلاشنى تەۋسىيە قىلدى.

468028
داۋۇتئوغلۇ: ئىسلامنى دائېش بىلەن بىر سەپتە قويۇش توغرا ئەمەس
davutoğlu deaş.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مەۋلۇت ھەپتىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە ئۆتكۈزگەن ‹ھەزرىتى پەيغەمبەر، تەۋھىد ۋە ۋەھدەت› تېمىلىق يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇھىم پەرقىنىڭ ‹تەسلىمىيەت› تىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز بىر قېتىم ئاللاھقا تەۋھىد بىلەن تەسلىم بولغانلار، باشقا ھېچقانداق نەرسىگە تەسلىم بولمايمىز. نۆۋەتتە ئىسلامنى دائېش بىلەن بىر سەپتە قويماقچى بولغانلار ياكى بۈگۈنكى كۈندە ئىسلامنى ئاياللارنى تۆۋەن كۆرىدىغان بىر دىن سۈپىتىدە كۆرمەكچى بولغانلار تارىخنى ئېچىپ قاراپ باقسۇن. ھېچقانداق بىر دىنىي ئەنئەنە ئىچىدە ھەزرىتى خەدىجەگە، ھەزرىتى ئائىشەگە قىلىنغان ھۆرمەت ئىسلامغىچە بولغان جەرياندا (ئاياللارغا) قىلىنمىدى. يەنە تارىخنى ئېچىپ قاراپ بېقىشسۇن... تارىخقا ئەمەس زامانىۋى دەۋرگە قاراپ بېقىشسۇن، 19- ئەسىرگىچە غەرب پەلسەپىسىدە ‹ئاياللارنىڭ رۇھى بارمۇ – يوقمۇ؟› دەپ دەتالاش قىلىناتتى ۋە ‹شەيتان ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتۈۋالغان ئاياللار ۋۇجۇدىدىن شەيتاننى چىقىرىش ئۈچۈن› كۆيدۈرۈش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلەتتى. بىز بولساق، پەيغەمبەرگە بولغان مۇھەببىتىمىزنى ئۇنىڭ ئانىسىغا – ئامىنە خاتۇنغىمۇ نامايەن قىلىدىغان مەۋلۇد ئەنئەنىسىنىڭ بىر پارچىسىمىز. ئۇنىڭ ئاياللىرىغا ‹ئانىلىرىمىز› دەپ قارايدىغان، ھەر بىرىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئانىسى، دەپ بىلىدىغان ئىنسانلارمىز.»

ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ يەنە «بىزنىڭ ئارىمىزغا دائېش ئېڭىمۇ كىرەلمەيدۇ، بىزنىڭ ئارىمىزغا بۇ مۇھەببەتنى يوقاتماقچى بولغان ھېچقانداق بىر تەپرىقىچىلىك كىرەلمەيدۇ. بىزنىڭ پەرقىمىز بۇ يەردە. ۋەھدەت بۇ يەردە، تەۋھىدنى تۇنۇپ يەتكۈچىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى ۋەھدەتتۇر. بۇ تەۋھىد ئاللاھقا مۇھەببەت باغلاش بىلەن باشلىنىدۇ.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر