«ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ قەتلىئام يۈرگۈزۈش پىلانى بولغان ئەمەس»

«ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىنسانلارنى قەتلە قىلىش، يوقىتىش پىلانى ۋە قەتلىئام يۈرگۈزۈش پىلانى بولغان ئەمەس»

466078
«ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ قەتلىئام يۈرگۈزۈش پىلانى بولغان ئەمەس»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى DEUTSCHE WELE (DW) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قىلغان زەيارىتى جەريانىدا ئىسلام دۈشمەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە تۈركەن فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن تۈركىيە – ئامېرىكا مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغاندا قىلغان سۆزىدە، بىر قىسىم جەمئىيەتلەرنىڭ تۈركلەر ۋە ئىسلامغا قارشى دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: «بەزى جەمئىيەتلەر بولۇپمۇ ئاكادېمىك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، 1915 – يىلقى ۋەقەلەرنى باھانە قىلىپ، تۈركلەر ۋە ئىسلامغا قارشى دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا. ‹ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى› غەيرىي مۇسۇلمانلارنى يوقىتىش پىلانىغا ئاساسەن ئەرمەنلەرنى قەتلە قىلغان› دېگەندەك يالغان – ياۋىداقلارنى توقۇپ چىقىۋاتقان بۇ جەمئىيەتلەرگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكى مەسىلىسىدە بىرلەشكەنلىكىنى كۆرىمىز. ھالبۇكى، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىنسانلارنى قەتلە قىلىش، يوقىتىش پىلانى بولغان ئەمەس. بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزۈش قىلمىشلىرىنى ئەسلا قوبۇل قىلالمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر