پۇتىننىڭ باياناتچىسى پېسكوۋنىڭ قىزى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەيىبلىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋنىڭ قىزى لىسا پېسكوۋا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەنقەرەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئەستايىدىل پوزىتسىيە بىلدۈرمەسلىكىنى ئەيىبلىدى.

464649
پۇتىننىڭ باياناتچىسى پېسكوۋنىڭ قىزى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىسا پېسكوۋا ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى ئىنستېگرام سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «مەن ئەنقەرەدە دۇنياغا كەلدىم، ھاياتىمنىڭ دەسلەپكى يىللىرىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزدۈم. موسكۋا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركچە ئۆگىنىۋاتىمەن. ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنى ھېس قىلماقتىمەن. ئىنتېرنېت نېمىشقا تۈركىيە بايراقلىرى بىلەن تولمىدى؟ ئەنقەرەدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمى پارىژدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىدىن قىممەتسىزمۇ؟ يەنى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى مۇھىم ۋە مۇھىم ئەمەس، دەپ ئىككى كاتېگورىيەگە ئايرىلامدۇ؟ تۈركىيە مەن سىلەر بىلەن بىرگە» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر