يېڭى ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن

سەھىيە مىنىستىرى مەھمەت مۈئەززىنئوغلۇ 10 – ياكى 11 – ئايلاردا يېڭى ئاساسىي قانۇن ئۈچۈن رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

460022
يېڭى ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى مۈئەززىنئوغلۇ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (AK Parti) نىڭ ئەدىرنەدىكى ۋىلايەتلىك شۆبىسىدە قىلغان سۆزىدە، يېڭى ئاساسىي قانۇنغا تەييارلىق قىلىش باسقۇچى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ مەسىلىنى خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. ئۇ 10 – ياكى 11 – ئايدا يېڭى ئاساسىي قانۇننى خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشنىڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆكتىچىلەر قانچىلىك توسقۇنلۇق قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، خەلققە پايدىلىق بولغان بىر ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنى مەجلىسكە سۇنىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمى توغرىسىدىمۇ توختالدى ۋە بۇنىڭ ئوخشاشلا خەلقنىڭ ئارزۇسىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ تۈركىيەنىڭ پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمى بىلەن تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى؛ ئەگەر خەلق ھازىرقى پارلامېنتلىق تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تاللىسا، ئۇنىڭ پىرىنسىپلارغا ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر