چانكايا سارىيىدا دۆلەت بىخەتەرلىك يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە سۈرىيە ۋە ئىراق قارارنامىسىنىڭ قوبۇل قىلنىشىدىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈنۈگۈن چانكايا سارىيىدا دۆلەت بىخەتەرلىك يىغىنى چاقىرىلدى.

148557
چانكايا سارىيىدا دۆلەت بىخەتەرلىك يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چانكايا سارىيىدا دۆلەت بىخەتەرلىك يىغىنى چاقىرىلدى.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە سۈرىيە ۋە ئىراق قارارنامىسىنىڭ قوبۇل قىلنىشىدىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈنۈگۈن چانكايا سارىيىدا دۆلەت بىخەتەرلىك يىغىنى چاقىرىلدى.
يىغىنغا باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ، باش ئىشتاب باشلىقى نەجدەت ئۆزەل، دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز، باش ئىشتاب ئىككىنچى باشلىقى ياشار گۈلەر، دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئورگىنىنىڭ باشلىقى ھاقان فىدان قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.
يىغىندا، ئىراق ۋە سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەھدىتىگە قارشى تاشلىنىشقا تېگىشلىك قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىندىن كېيىن ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر