دۆلەت رەھبەرلىرى مەجلىسنىڭ ئېچىلىش زىياپىتىدە ئۇچراشتى

دۆلەت رەھبەرلىرى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ئېچىلىش زىياپىتىدە ئۇچراشتى.

147381
دۆلەت رەھبەرلىرى مەجلىسنىڭ ئېچىلىش زىياپىتىدە ئۇچراشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت رەھبەرلىرى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ئېچىلىش زىياپىتىدە ئۇچراشتى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۈرىيە - ئىراق قارارنامىسىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «پارلامېنتىمىزنىڭ ئەڭ توغرا قارار بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.
باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ بولسا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن رايونلۇق كېڭەش يىغىنى چاقىردى.
داۋۇتئوغلۇ يىغىندىن كېيىن خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسى سەلاھاتتىن دەمىرتاشنى قوبۇل قىلدى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن، سەلاھاتتىن دەمىرتاش، «تېررورىزمنىڭ ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىلىشى يولىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈۋاتقان چارە باسقۇچىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىنىشى ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېدى.
باش مىنىستىرلىك مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، داۋۇتئوغلۇنىڭ سەلاھاتتىن دەمىرتاش بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى، چارە باسقۇچىغا زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز - ھەرىكەتلەر ۋە باياناتلاردىن يىراق تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر