ئىراقتىكى تۈركمەنلەرگە يېمەك – ئىچمەك بۇيۇملىرى تارقىتىلدى

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى ئەربىلدە ئىراق مۇساپىرلىرى ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئىككى يۈك ئاپتوموبىلىدىكى يېمەك – ئىچمەك بۇيۇملىرىنى تارقاتتى.

126135
ئىراقتىكى تۈركمەنلەرگە يېمەك – ئىچمەك بۇيۇملىرى تارقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ خادىملىرى مۇستەقىل سودا – سانائەتچىلەر جەمئىيىتى (MÜSİAD) ئىراق مۇساپىرلىرى ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئىككى يۈك ئاپتوموبىلىدىكى ياردەملەرنى تارقاتتى.
ئەربىلدىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ يېنىدا ۋە ئىراق تۈركمەن فىرونتى تەمىنلىگەن ئۆيلەردە قالغان 120 ئائىلىگە يېمەك – ئىچمەك قاچىلانغان يېشىكلەر تارقىتىپ بېرىلدى.
بۇ جەرياندا، ئىراققا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرى توشۇغان 15 يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئەربىلگە يېتىپ كەلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر