ئەردوغان ناتو رەھبەرلىرىگە مەلۇمات بەردى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ رايونىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا پوزىتسىيەسى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى

115868
 ئەردوغان ناتو رەھبەرلىرىگە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ رايونىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا پوزىتسىيەسى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.
ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئافغانىستان، ئەزەربەيجان، قىرىم، سۈرىيە ۋە ئىراقتا تاشلاشقا تېگىشلىك قەدەملىرى ھەققىدە دۇنيا رەھبەرلىرىگە مەلۇمات بەردى.
ئافغانىستاندىكى جۇمھۇر رەئىسلىك سايلام باسقۇچىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ ئافغانىستان خەلقىنى يالغۇز تاشلاپ قويمايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
ئەردوغان، ئۇكرائىنانىڭ سىياسىي مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللىي بىرلىكىگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقلىرىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
قىرىمدىكى قانۇنسىز ئىشغالنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان قىرىم تاتارلىرىنىڭ يېتىم قالدۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىق، كىرىزىسنىڭ سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىنىش يولىدا كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى قوللاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزەربەيجانغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى دائىرىسىدە ھەل قىلىنىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەردوغان، سۈرىيە بىلەن ئىراقتا رايونلۇق بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىققا تەھدىت سېلىۋاتقان زوراۋانلىقلارغا قارشى قەتئىي ئىرادە بىلەن تاقابىل تۇرۇلۇشى لازىملىقىنى قەيت قىلدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، دەمەشق ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلىنىشى نەتىجىسىدە رايوندا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان قالايمىقانچىلىقلاردىن پايدىلىنىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ئىستىراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ چىقىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر