ئەردوغان ناتو يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەنگلىيەگە يېتىپ باردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ناتو يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدۇ.

113236
ئەردوغان ناتو يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەنگلىيەگە يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىككىنچى قېتىملىق چەت ئەل زىيارىتىنى ئەزەربەيجانغا قىلدى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى رەھبەر كۆرۈشۈشتە رايونلۇق مەسىلىلەر ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدە بېسىلىدىغان قەدەملەرنى مۇھاكىمە قىلدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۈچلىنىشى كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن قارىشىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ» دېدى.
ئۇ ئەزەربەيجاندىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) نىڭ ئەنگلىيەدە ئېچىلىدىغان يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كاردىفقا يېتىپ باردى. ناتو يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە گىرۇزىيە پىرېزىدېنتى جورج مېرگېلاشىۋىلى، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېتېر پوروشېنكو، بۇلغارىيە پىرېزىدېنتى روسېن پلېۋنېلىيېۋ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى مارىيانو راجوي برېي ۋە گاللېر پرېنسى چارلېس قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشىدۇ. كۆرۈشۈشلەردە رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ھەمراھ بولىدۇ.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چۈشكەن مېھمانسارايدا ئاخبارت ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر