لىدەرلەر زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 30 - ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنىڭ، بارلىق توسالغۇلارنى بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە پاچاقلاپ تاشلىغان خەلقنىڭ ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلىشى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى

108287
 لىدەرلەر زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىدەرلەر زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 30 - ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنىڭ، بارلىق توسالغۇلارنى بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە پاچاقلاپ تاشلىغان خەلقنىڭ ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلىشى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئەردوغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «مىللىتىمىز قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادىسى سايىسىدا تۈرلۈك ۋەسىيلىك زەنجىر - كېشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغان، كېلەچەكلىرىدىن قىلچە ئەندىشە قىلمايدىغان بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقانلىقىمىزدىن چەكسىز پەخىرلىنىمىز.»
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى جەمىل چىچەك باياناتىدا، «تارىخ بويىچە شەرەپلىك ھالدا ياشاپ كېلىۋاتقان مىللىتىمىز، ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن پۈتكۈل مەزلۇم مىللەتلەرگە ئۈلگە يارىتىپ، تەڭداشسىز كۈرەشلىرى نەتىجىسىدە ئالەمشۇمۇل غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، مەجبۇرى تېڭىلغان ئاسارەت رولىنى رەت قىلىپ، دۇنيا مىللەتلەر ئائىلىسىدىكى شەرەپلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى» دېدى.
باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ باياناتىدا، «ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەۋەرۈكلىرى بولغان ئىلھام ۋە ھاياجان بىلەن قىلچە ئايرىمچىلىق قىلماستىن ۋەتەنداشلىرىمىز ئارىسىدا ۋە بىز ياشاۋاتقان تېرروتېرىيەدە ئادالەت ۋە تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز» دېدى.
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەھبىرى كەمال قىلىچدارئوغلۇ باياناتىدا، «ئازادلىق ئارمىيەسى دىنىي، تىلى، ئىرقىي ۋە مەزھىپى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، مۇستەقىللىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ، دۈشمەن ئارمىيەسىگە شىردەك ئېتىلىپ، ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭمۇ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئىشغالچى دۈشمەننى ۋەتەن زېمىنىدىن قوغلاپ چىقارغان، بۇ ئارقىلىق ئۇلار خەلقىمىزنىڭ، باشقىلارنىڭ نە مۇستەقىللىقىمىزغا، نە بىرلىكىمىزگە كۆز تىكىشىگە قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنىنى پۈتكۈل جاھانغا بىلدۈرۈپ قويغان» دېدى.
باش ئىشتاب باشلىقى نەجدەت ئۆزەل باياناتىدا، 30 - ئاۋغۇست زەپىرىنىڭ، مىسلىسىز دۆلەت ئەربابى، تەڭداشسىز قوماندان ۋە لىدەر ئاتاتۈرك رەھبەرلىكىدە ئۆزىگە ئىشەنگەنلەر بىلەن بىرلىكتە ئىشغالچى كۈچلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئالەمشۇمۇل بىر كۈرەشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر