ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى

12 - جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، چانكايا جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى

106980
ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 12 - جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، چانكايا جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.
ئابدۇللاھ گۈل، جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، «ئۇدا 7 يىلدىن بۇيان ئۆتەپ كېلىۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تۈركىيە خەلقى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ 12 - جۇمھۇر رەئىسلىكىگە سايلانغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن ئۆزۈمنى ئىنتايىن شەرەپلىك ھېس قىلىمەن» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بولسا مۇراسىمدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، 91 يىللىق جۇمھۇرىيەت تارىخىدا ۋە 2 مىڭ يىللىق تۈرك تارىخىدا تۇنجى قېتىم دۆلەت رەھبىرىنىڭ خەلق تەرىپىدىن سايلاپ چىقىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
نۇتىقىدا، دىپلوماتىيە سىياسىتى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك نىشانى بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق مۇساپىسىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ، تىنچلىق، ھەمكارلىق ۋە پاراۋانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى پىرىپسىپىنىڭ ئىنسانىي ۋە ۋىجدانىي ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
نۇتۇقلاردىن كېيىن 12 - جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئابدۇللاھ گۈلگە، دۆلەت ئوردېنى ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك بەلگىسى تەقدىم قىلدى.
12 - جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 11 - جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلدىن ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋالغان مۇراسىمدا، 15 دۆلەتنىڭ دۆلەت رەئىسى/ دۆلەت باشلىقى، 6 دۆلەتنىڭ پارلامېنت باشلىقى، 12 دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرى، 3 دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت باشلىقى، 7 دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، 40 ئەتراپىدىكى دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىرى، 9 خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر