ئابدۇللاھ گۈل دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ۋىدالاشتى

ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 28 - ئاۋغۇست كۈنى توشىدىغان ئابدۇللاھ گۈل، دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ۋىدالاشتى

103978
 ئابدۇللاھ گۈل دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ۋىدالاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 28 - ئاۋغۇست كۈنى توشىدىغان ئابدۇللاھ گۈل، دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ۋىدالاشتى.
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، كەسپداشلىرى، خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق تەشكىلاتلارنىڭ باشلىقلىرىغىمۇ ۋىدالىشىش مەكتۇپى يوللىدى.
ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 28 - ئاۋغۇست كۈنى توشىدىغان جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، 130 غا يېقىن رەھبەرگە مەكتۇپ يوللىدى.
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل رەسمىي زىيارەتتە بولغان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە، تۈركىيەدە كۈتۈۋالغان كەسپداشلىرىغا، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر، قوشنا ئەللەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە، خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق تەشكىلاتلارنىڭ باشلىقلىرىغا ئايرىم - ئايرىم ۋىدالىشىش مەكتۇپى يوللىدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل مەكتۇپ يوللىغان رەھبەرلەر ئارىسىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن ئارىدىن 40 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغان ئەنگىلىيەنىڭ ئايال وپادىشاھى 2 - ئېلىزابىتمۇ بار ئىكەن. ئابدۇللاھ گۈل ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى رومپۇي، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى باروسو ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ئىياد مەدەنى قاتارلىقلارغىمۇ مەكتۇپ يوللىدى.
ئابدۇللاھ گۈل يەنە، باش مىنىستىرلىك ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىك ۋەزىپىسى ئۆتىگەن مەزگىلدىن تارتىپ ھازىرغىچە ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋەكىللىرىگىمۇ مەكتۇپ يوللاپ ۋىدالاشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر