مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئاۋغۇست ئېيى يىغىنى باشلىدى

مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا چاقىرىلىدىغان يىغىنى باشلىدى.

89923
مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئاۋغۇست ئېيى يىغىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلنىڭ باشچىلىقىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم چاقىرىلغان يىغىنغا ئەردوغان ئەڭ ئاخىرقى قېتىم باش مىنىستىر سالاھىيىدە قاتنىشىدۇ.
بۇ يىغىن پىنسىيەگە چىقىدىغان ژاندارما قوماندانى گېنېرال يۆرۈك بىلەنمۇ ۋىدالىشىش يىغىنى ھېسابلىنىدۇ.
ۋەزىپىسىنى 30-ئاۋغۇستتا ئەگە ئارمىيە قومدانى گېنېرال ئابدۇللاھ ئاتايغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغان ژاندارما قوماندانى گېنېرال سەرۋەت يۆرۈكمۇ مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئاخىرقى قېتىم قاتنىشىدۇ.
يىغىندا ئىراقتىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتى ۋە تۈركمەنلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، شۇنداقلا تۈرك ئارمىيەسىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش قاتارلىقلار مەسىلىلەرنىڭ كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنى تەشكىل قىلىشى كۈتۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر