دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈركىيە ۋەتەنداشلىرى بېلەت تاشلىدى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جۇمھۇر رەئىسلىك سايلاملىرى ئۈچۈن بېلەت تاشلاش داۋاملاشماقتا

77266
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈركىيە ۋەتەنداشلىرى بېلەت تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈركىيە ۋەتەنداشلىرى بېلەت تاشلىدى.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جۇمھۇر رەئىسلىك سايلاملىرى ئۈچۈن بېلەت تاشلاش داۋاملاشماقتا.
تاموژنا ئېغىزلىرىدىن سىرت يەنە 54 دۆلەتتتىكى 103 مەركەزدە بېلەت تاشلانماقتا.
دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ تۈركلەر ياشايدىغان گېرمانىيەدە ۋەتەنداشلار ئالدىن بەلگىلەنگەن ۋاقىتقا ئاساسەن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايونلاردا بېلەت تاشلىماقتا.
گېرمانىيەدىكى تۈركىيە ۋەتەنداشلىرى 7 رايوندا بېلەت تاشلىماقتا.
پايتەخت بېرلىندە 140 مىڭ سايلىغۇچى بېلەت تاشلىماقتا، بىراق سايلىغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى تۈركىيەدە تەتىلدە بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ سايلىغۇچىلار تۈركىيەدىكى تاموژنا ئېغىزلىرىدا بېلەت تاشلىماقتا.
گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تۈركىيە ۋەتەنداشلىرى تۇنجى قېتىم ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتتە بېلەت تاشلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن ناھايىتى خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىشمەكتە.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، باشقا دۆلەتلەردىمۇ بېلەت تاشلاش ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق ھالدا داۋاملاشماقتا. ئالدىن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بېلەت تاشلىيالمىغان سايلىغۇچىلار، 10 - ئاۋغۇستقا قەدەر تاموژنا ئېغىزلىرىدا بېلەت تاشلىيالايدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بېلەت تاشلاش تاماملانغاندىن كېيىن، كورۋېرتلار تامغا بېسىلىپ، تېز سۈرئەتلىك دىپلوماتىك پوچتا ئارقىلىق تۈركىيەگە يوللىنىدىكەن ھەمدە بۇ بېلەتلەرنىڭ ساناش ئىشلىرى تۈركىيەدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر