ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، غەززە ئۈچۈن تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

74702
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، غەززە ئۈچۈن تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كىررىي، قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەل ئاتىييە، پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ئىياد مەدەنى بىلەن تېېلفوندا كۆرۈشتى.
ئۇچرىشىشنىڭ نۇقتىلىق تېمىسى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرى بولدى.
پەلەستىن خەلقىنى بېسىم ئاستىدا تۇتۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، «پەلەستىن پەلەستىنلىكلەرنىڭدۇر» دېدى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، كونيانىڭ سەيدىشەھەر ناھىيەسىدىكى ھېيت پەتىسى زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كەررىي ۋە قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خالىد بىن مۇھەممەد ئەل ئاتىييە بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ غەززە ئۈچۈن قويوق دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ غەززەلىك قىرىنداشلارنىڭ تىنچلىققا خاتىرجەملىككە بولۇپمۇ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان شەرەپلىك ۋە پارلاق كەلگەسىگە يەتكۈزىدىغان يولدا خاتىرجەم قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ پەلەستىن زېمىنىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە ئائىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
«بۇ زېمىنلار مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى بەرپا بولغان زېمىنلاردۇر» دېگەن ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، پەلەستىنلىكلەرنىڭمۇ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۆز بايرىقى ئاستىدا، ئۆز يۈرتلىرىدا، ئۆز ۋەتەنداشلىرى بىلەن قانچىلىغان ئەسىرلەردىن بۇيانقىغا ئوخشاش مىڭلىغان يىللارغىچە ئۆز مۇستەقىللىقلىرى سايىسىدا ياشاش ھوقۇقى بارلىقىنى قەيت قىلدى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقى دائىرىسىدە پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتپى ئىياد مەدەنى بىلەنمۇ كۆرۈشتى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئاخىرىدا قۇددۇستا تۇرۇشلۇق تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى باش مۇدىرى مەھمەت گۈللۈئوغلۇ بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، غەززەگە قىلىنىۋاتقان ياردەم خىزمەتلىرى ھەققىدە مۇلۇمات ئالدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر