جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ دەسلەپكى بېلەتلىرى تاشلاندى
جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ئۈچۈن تاموژنا ئېغىزلىرى ۋە ئايرودورۇملاردا بېلەت تاشلاش باشلىدى.
جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ئۈچۈن تاموژنا ئېغىزلىرى ۋە ئايرودورۇملاردا بېلەت تاشلاش باشلىدى. چەتئەللەردە ياشايدىغان تۈركىيە پۇقرالىرى 10- ئاۋغۇستقىچە بېلەت تاشلىيالايدۇ.
جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىغا بېلەت تاشلاش تۈنۈگۈن ئەتىگەن سائەت 8 دە باشلىدى. دۆلەت مىقياسىدا 44 تاموژنا ئېغىزى ۋە ئايرودورۇمغا بېلەت ساقدۇقلىرى قويۇلدى، دەسلەپكى بېلەتلەر تاشلاندى.
ئەدىرنە كاپىكۇلە چېگرا ئېغىزىدا بېلەت تاشلاش ئۈچۈن بالدۇر كەلگەنلەر بار ئىدى؛ سىلوپىدىكى ھابۇر چېگرا ئېغىزىدىمۇ جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ئۈچۈن دەسلەپكى بېلەتلەر تاشلاندى؛ دەرىنجە، تاشئۇجۇ، بودرۇم ۋە ئايۋالىكتىكى دېڭىز تاموژنا ئېغىزلىرىدىمۇ ساندۇقلار قويۇلدى؛ ئانتاليا، دالامان، ھاتاي، ئادانا، غازىئانتەپ ئايرودورۇملىرىدىمۇ جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىغا بولغان قىزىقىش يۇقىرى بولدى؛ ئەمما، سۇرىيە چېگراسىدىكى جىلۋەگۆزۈ ۋە يايلاداغى چېگرا ئېغىزلىرىدا بولسا، توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن بېلەت تاشلاش مۇمكىن بولمىدى.
چەت ئەللەردىن كېلىدىغان بېلەت تاشلىغۇچىلار 10 – ئاۋغۇستقىچە بېلەت تاشلىيالايدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.