تۈركىيەنىڭ تىرابلۇس باش ئەلچىخانىسى پائالىيەتلىرىنى توختاتتى

تۈركىيە، لىۋىيەدە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ تىرابلۇسقىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىدىن كېيىن تىرابلۇس باش ئەلچىخانىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى توڭلىتىپ قويدى

71269
تۈركىيەنىڭ تىرابلۇس باش ئەلچىخانىسى پائالىيەتلىرىنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، لىۋىيەدە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ تىرابلۇسقىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىدىن كېيىن تىرابلۇس باش ئەلچىخانىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى توڭلىتىپ قويدى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تىرابلۇس ئايرودۇرۇمى ئەتراپىغا مەركەزلىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى پەيدا قىلغانلىقى، شۇ ۋەجىدىن تىرابلۇس باش ئەلچىخانىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باش ئەلچىخانىغا ئىلتىماس سۇنغان 500 دىن كۆپرەك تۈركىيە پۇقراسىنىڭمۇ يۇرتقا ساق – سالامەت قايتىپ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، تىرابلۇس باش ئەلچىخانىسى خادىملىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى تۇنىس باش ئەلچىخانىسى قارمىقىغا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا يەنە، مىسۇراتا باشكونسۇلخانىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر