تۈركىيە، ‹غەززەگە ياردەم› سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى

تۈركىيە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە پاناھلىنىش، ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق ۋە سالامەتلىك مەسىلىلىرىگە دۇچار بولغان پەلەستىنلەرگە ياردەم قىلىش سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى باشلىدى.

67698
تۈركىيە، ‹غەززەگە ياردەم› سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى

باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قاراشلىق غەززە رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە پاناھلىنىش، ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق ۋە سالامەتلىك مەسىلىلىرىگە دۇچار بولغان پەلەستىنلەرگە ياردەم قىلىش سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى باشلىدى.
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىمزاسى بىلەن رەسمىي گېزىتنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا، «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىدىغان مۇبارەك رامىزان ئېيىدا خەلقىمىزنىڭمۇ ئارزۇلىرىغا ئاساسەن، دوست ۋە قېرىنداش پەلەستىن خەلقى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ياردەم ۋە قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەر ئىشلىتىلدى. بۇ قېتىمقى ياردەم قىلىش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئۇقتۇرۇشتا، ۋالىي مەھكىملىرى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر باشتا بولۇپ بارلىق دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرىدىن يىغىلغان ياردەملەرنىڭ بىر يەرگە جەملىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
رەسمىي ۋە غەيرى رەسمىي كىشى ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ يىغقان ياردەملىرىنى رايونغا ئەۋەتىپ بېرىش ئۈچۈن باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن يېزا – ئىگىلىك ۋە ۋەقىف بانكىلىرىدا ئېچىلغان ھېساب نومۇرلىرىغا ياتقۇزسا بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى. ئۇقتۇرۇشتا يەنە، دىنىي ئىشلار باشقارمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدىغان قىسقا ئۇچۇر نومۇرىغا ‹غەززە› دەپ يېزىپ ئىئانە قىلىشقا بولىدىغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلدى.
ياردەم سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىگە تەۋە بانكا ھېساب نومۇرلىرى تۆۋەندىكىچە:


زىرائەت (يېزا – ئىگىلىك) بانكىسى ئەنقەرە كامو گىرىشىمچى شۆبىسى:


تۈركىيە لىراسى خەلقئارا بىرلىككە كەلگەن ھېساب نومۇرى:

TR87 0001 0025 3334 2869 8550 77
ئامېرىكا دوللىرى خەلقئارا بىرلىككە كەلگەن ھېساب نومۇرى:

TR60 0001 0025 3334 2869 8550 78
ياۋرو خەلقئارا بىرلىككە كەلگەن ھېساب نومۇرى:

TR33 0001 0025 3334 2869 8550 79
ئەنگلىيە فوند سىتىرلىڭ خەلقئارا بىرلىككە كەلگەن ھېساب نومۇرى:

TR06 0001 0025 3334 2869 8550 80
بانكىلار ئارا پۇل – مۇئامىلە كودى:

TCZBTR2A

ۋەقىف بانكىسى ئەنقەرە مەشرۇتىيەت شۆبىسى:


تۈركىيە لىراسى خەلقئارا بىرلىككە كەلگەن ھېساب نومۇرى:

TR86 0001 5001 5800 7302 4262 11
ئامېرىكا دوللىرى خەلقئارا بىرلىككە كەلگەن ھېساب نومۇرى:

TR50 0001 5001 5804 8014 8011 62
ياۋرو خەلقئارا بىرلىككە كەلگەن ھېساب نومۇرى:

TR78 0001 5001 5804 8014 8011 43
بانكىلار ئارا پۇل – مۇئامىلە كودى:

TVBATR2A

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر