تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى غەززەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش كومىتېتى غەززەدە زىيارەتتە بولىدۇ

67032
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى غەززەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش كومىتېتى غەززەدە زىيارەتتە بولىدۇ.
كومىتېت باشلىقى ئايھان سەفەر ئۈستۈن، بۇ ھەقتە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىگە يازما ئىلتىماس سۇنغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
ئۈستۈن، «بۇ زىيارىتىمىزدىن بارلىق پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئورۇن ئالىدۇ. كۆپ سانلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت بىلەن غەززەدە زىيارەتتە بولۇشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى.
ئىلتىماستا، شارائىت يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا دەرھال، شارائىت يار بەرمىگەندە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن پەلەستىندە زىيارەتتە بولۇش تەلەپ قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر