باباجان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى تەنقىد قىلدى

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئەلى باباجان غەززەدە ئىنسانلار قەتلە قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى تەنقىد قىلدى

67027
باباجان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئەلى باباجان غەززەدە ئىنسانلار قەتلە قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى تەنقىد قىلدى.
ئەلى باباجان، ئەنقەرەنىڭ قازان ناھىيەسىدە «يېڭى تۈركىيە فوندى جەمئىيىتى» تەرىپىدىن بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىدە سۆزلىگەن نۇتىقىدا، «كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان يۈزلەرچە تەشكىلات بار، ئەمما نېمىشقىكىن ئىنسانلار بىلەن بالىلارغا بالىنا ۋە يۇنۇس بېلىقلىرىچىلىكمۇ ئەھمىيەت بېرىلمەيىۋاتىدۇ» دېدى.
باباجان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسى بىلەن دۇنيادىكى خەلقئارالىق سىستېمىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يوقاتقانلىقى ۋە ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە، ئىسلام دۇنياسىدا يۇقىرى ئاۋازدا خىتاب قىلىۋاتقان، دەردمەنلەرنىڭ دەردىگە يېتىۋاتقان، قيىنچىلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقان يېگانە دۆلەت تۈركىيە ۋە باش مىنىستىر ئەردوغان بار.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر