رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: قەيەردە سەن ئەي ئىسلام دۇنياسى

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇمىغا قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرغان ئىسلام دۇنياسىنى تەنقىد قىلدى.

133231
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: قەيەردە سەن ئەي ئىسلام دۇنياسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «غەربنى ئەيىبلىمەك ئەڭ ئاسان ئىش» دېگەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «قەيەردىسەن ئەي ئىسلام دۇنياسى؟ سېنىڭ جېنىڭ ئاغرىمامدۇ، يۈرۈكۈڭ پارچىلانمامدۇ؟» دەپ سوئال قويدى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇل دولماباغچا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ھەممە جايلىرىدا قان ئېقىۋاتقانلىقىنى، ئاققان قانلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قېمنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ دۇنيانى ئەيىبلەش ئەڭ ئاسان ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «دۇنيا ئاۋاز چىقارمىسا، غەرب ئاۋاز چىقارمىسا، ناھايىتى ئەپسۇسكى ئىسلام دۇنياسىمۇ ئاۋاز چىقارمايدۇ» دېدى.
ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىن ھۇجۇمىدىن خۇشال بولغان بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى ۋە : «چۈنكى خۇشال بولمىسا، ئۇلارغىمۇ كېلىدۇ» دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز 1948 – يىلدىن بېرى پەلەستىن تارتىۋاتقان ئازاپ – ئوقۇبەتنىڭ تەسىرىدە پۇچۇلىنىۋاتقان ۋاقىتتا، ئافغانىستان مەسىلىسى چىقتى. ئافغانىستانغا لىۋان قوشۇلدى. لىۋانغا ئىراق قوشۇلدى. ئىراققا سۈرىيە، مىسىر، سومالى، ئاچە، بىرما قوشۇلدى. پەلەستىن مەسىلىسىدە ئىسلام دۇنياسى قەددىنى تىك تۇتقان بولسا، بەلكىم ئافغانىستان مەسىلىسى بولمايتتى. ئافغانىستاندا كەڭ قورساقلىق ھۆكۈمران ئورۇندا بولغان بولسا، بەلىكم بۈگۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەممە يېرىدىن قان ئاقمىغان بولاتتى.»
ئۇ ئىسلامدا مەزھەپچىلىككە ئورۇن يوقلۇقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بىز مەزھەپ ئايرىمايمىز. بىز سۈننىي، شىئە دېمەيمىز. پەقەت مۇسۇلمان دەپ توۋلاشقا مەجبۇرمىز. تۈركىيە پۈتۈن بۇ جەڭگى – جېدەلنىڭ سىرتىدا. بۇ بىتەرەپلىك ئەمەس، بەلكى ھەقنىڭ، قۇرئاننىڭ ۋە مەزلۇمنىڭ تەرىپىدە تۇرۇشتۇر.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر