ئەردوغان ئىستىراتېگىيەلىك نىشانىنى ئېلان قىلىدۇ

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىس نامزاتى بولغاندىن كېيىن بۈگۈن ئىستانبۇلدا ئېلان قىلىدىغان ئىستىراتېگىيەلىك نىشان ئارقىلىق پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ

125635
 ئەردوغان ئىستىراتېگىيەلىك نىشانىنى ئېلان قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىس نامزاتى بولغاندىن كېيىن بۈگۈن ئىستانبۇلدا ئېلان قىلىدىغان ئىستىراتېگىيەلىك نىشان ئارقىلىق پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئىستىراتېگىيەلىك نىشان پىلانى؛ يېڭى ئاساسىي قانۇن ۋە تېررورىزىمنىڭ ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىلىشى ئۈچۈن ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان چارە باسقۇچىدىن تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشى ۋە دېموكراتىكلىشىشكىچە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مۇراسىمدا، باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىدە ئىشلىتىلىدىغان تەشۋىقات ماتېرىياللىرى بىلەن سايلام ناخشىلىرىمۇ تونۇشتۇرۇلىدۇ.
سەنئەت، ئاخبارات ۋاستىلىرى، ئىلىم - پەن ۋە تەنتەربىيە دۇنياسى بىلەن ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن كۆپلىگەن زاتلار مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىندى.
مۇراسىمدا، باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ «ئىسلاھات پىلانى تاماملاندى، ئەمدى نۆۋەتتە ئىجرا قىلىشقا كەلدى» تەرىقىسىدە سىگنال بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر