چارە پىلانى قوبۇل قىلدى

چارە پىلانى دەپ ئاتالغان قانۇن لايىھەسى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن قوبۇل قىلدى

125516
چارە پىلانى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چارە پىلانى دەپ ئاتالغان قانۇن لايىھەسى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن قوبۇل قىلدى.
تېررورىزىمنىڭ ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىلىشى مەقسىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان چارە باسقۇچىغا مۇناسىۋەتلىك 6 ماددىلىق قانۇن - بەلگىلىمىلەر، ئۇدا 3 كۈن داۋاملاشقان مۇزاكىرىلەردىن كېيىن ئومۇمىي كېڭەشنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتتى.
«تېررورىزمنىڭ ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىلىشى ۋە ئاممىۋى پۈتۈنلىشىشنىڭ كۈچلەندۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن»، چارە باسقۇچىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈمەت تاشلايدىغان قەدەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ھۆكۈمەت دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى شەخسلەر، ئورۇنلار ۋە جەمئىيەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.
قورال تاپشۇرغان تەشكىلات مەنسۇپلىرىنىڭ ئائىلىسىگە قايتىشى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتقا قەدەم قويۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈش ئارقىلىق، چارە باسقۇچىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان دۆلەت خادىملىرىنىڭ جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيەتسىزلىكىگە چەكلىمە قويۇلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر