ئەنقەرەدە ئالاھىدە بىر تەتقىقات ئېلىپ بېرىلدى

نەتىجىدە تۈركىيەنىڭ ئەڭ تېز ياشنىشقا باشلىغان شەھىرى ئەنقەرە بولۇپ چىقتى.

109408
ئەنقەرەدە ئالاھىدە بىر تەتقىقات ئېلىپ بېرىلدى


تەتقىقات نەتىجىسىدە دوختۇرخانىلار، ھەر تۈرلۈك ساناتورىيەلەر ۋە خەلق تۈرمۈشى ياردەم مەركەزلىرى شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېتلەر بىلەن بىرلىكتە ئانالىز ئېلىپ بېرىلدى.
نەتىجىدە تۈركىيەنىڭ ئەڭ تېز ياشنىشقا باشلىغان شەھىرى ئەنقەرە بولۇپ چىقتى.
تەتقىقاتنىڭ ئىسمى «ئەنقەرەنىڭ ياشىنىپ كېتىشنىڭ تەسىرى ھەمدە ياشانغانلارنى ئاسراش سىياسىتى ۋە ئىستىراتېگىيەلىك پىلانى» ئىدى.
ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەنقەرە ۋالىي مەھكىمىسى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە ۋىلايەتلىك ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ لايىھەنىڭ رىياسەتچىلىكىنى مۇتەخەسسىس دوكتۇر سىنان ئىبىش ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ تەتقىقات تاماملانغاندىن كېيىن، ئەگەر تەدبىر ئېلىنمايدىغان بولسا، نوپۇس ياشىنىپ كېتىش مەسلىىسىگە تاقابىل تۇرۇشتا ئەنقەرەنىڭ زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، تۈركيەدە نوپۇسى ئەڭ تېز ياشانىپ كېتىۋاتقان ۋىلايەت ئەنقەرە بولغان. تۈركىيەدىكى ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىتىنىڭ ياشلار نوپۇسىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ تېز بولىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.
بۇ لايىھە ئارقىلىق تېخىمۇ سۈپەتلىك ياشىنىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشقا بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ.
ياشانغانلارغا قارىتا جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق يەنىمۇ مۇستەھكەم بىر تۈرمۈشقا ئېرىشتۇرۇش نىشان قىلىنىدۇ.
تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى نەتىجىسدە قولغا كەلتۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى 180 بەتلىك بىر كىتابقا توپلاندى ھەمدە يەنە ياشانغانلار ئۈچۈن كېچىك قوللانما ھازىرلاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر