ئىراق تۈركمەنلىرىگە ياردەم ئەشيالىرى ئەۋەتىلدى

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى سىنجاردىكى تۈركمەنلەرگە ئۈچ يۈك ئاپتوموبىلىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرى ئەۋەتتى.

108102
ئىراق تۈركمەنلىرىگە ياردەم ئەشيالىرى ئەۋەتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى 25 – ئىيۇن ئۈچ يۈك ئاپتوموبىلىدا پاكىزە سۇ، يۇقىرى كالورىيەلىك پىچىنە – پىرەنىكلەر ۋە ئەدىيال قاتارلىق تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان لازىمەتلىكلەرنى ھابۇر چېگرا ئېغىزىدىن ئىراقتىكى تۈركمەنلەرگە ئەۋەتتى.
تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مىنتەز شىمشەك باياناتىدا، جەمئىيەتنىڭ ئىراقتا كۆچ – كۆچكە دۇچ كەلگەن تۈركمەنلەرگە ياردەم قىلىش مەقسىتىدە، «تەلافەرگە ياردەم قولۇڭنى ئۇزات» نامى ئاستىدا سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ پائالىيەت دائىرىسىدە، ئۈچ يۈك ئاپتوموبىلى ۋە سەككىز خادىمنىڭ تەلافەردىن تەخمىنەن 70 مىڭ تۈركمەن كۆچكەن سىنجارغا يېتىپ بارغانلىقىنى ۋە خادىملارنىڭ دەرھال خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر