ئالا «ئوتتۇرا شەرق ئىنىستىتۇتى» يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى

4 كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا يېتىپ بارغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالا، «ئوتتۇرا شەرق ئىنىستىتۇتى» چۈشەنچە ئورگىنى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى

97898
ئالا «ئوتتۇرا شەرق ئىنىستىتۇتى» يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 4 كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا يېتىپ بارغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالا، «ئوتتۇرا شەرق ئىنىستىتۇتى» چۈشەنچە ئورگىنى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.
پايتەخت ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىيە» سەرلەۋھىلىك يىغىندا ئالا، تۈركىيەنىڭ دېموكراتىكلىشىش يولىدا قولغا كەلتۈرۈۋاتقان مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەت كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئالا، ئىسلاھاتلارنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئىراقتا يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرمۇ مىنىستىر ئالانىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرى ئىدى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھۇجۇملىرى توغرۇلۇق توختالغان ئالا، تېررور مەسىلىسىنىڭ ئالدىمىزدىكى 100 يىل بويىچە دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر