ئەردوغاننىڭ ئىيۇن ئېيىدىكى خىزمەت كۈنتەرتىپى ناھايىتى كۆپ

باش مىنىستىر ئەردوغان، تۈركىيە ۋەتەنداشلىرىنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئاۋىسترىيە ۋە فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

84807
ئەردوغاننىڭ ئىيۇن ئېيىدىكى خىزمەت كۈنتەرتىپى ناھايىتى كۆپ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىيۇن ئېيىدىكى خىزمەت كۈنتەرتىپى ناھايىتى كۆپ .
باش مىنىستىر ئەردوغان، تۈركىيە ۋەتەنداشلىرىنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئاۋىسترىيە ۋە فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پىرېزىدېنت نامزاتىنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئېلان قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىدىكەن.
باش مىنىستىر ئەردوغان، 19 - 20 - ئىيۇن كۈنلىرى ئاۋىسترىيەدە، 20 - 21 - ئىيۇن كۈنلىرى فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولىدىكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ غۇربەتچىلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان گوللاندىيەدىمۇ زىيارەتتە بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.
باش مىنىستىر ئەردوغان، زىيارەتلىرىدە تۈركىيەلىك ۋەتەنداشلاردىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.
باش مىنىستىر ئېرىشكەن بۇ ئاي ئىچىدە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىمۇ زىيارەتتە بولىدىكەن.
يەنە بىر تەرەپتىن، باش مىنىستىر ئەردوغان كېلەر ھەپتىنىڭ باشلىرى ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر